غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (4A)

0:00 / 0:00


بىرىنچى قىسىم: ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار يوق دېيەرلىك ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار سودا-تىجارەت ياكى ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئاياق باسقان بولسىمۇ، لېكىن مۇھاجىر سۈپىتىدە ئولتۇراقلاشقانلار ئاساسەن يوق ئىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياۋروپادا «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ پەردىسى ئېچىلىدۇ. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياۋروپانى كوممۇنىزم تەھلىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن غەربىي گېرمانىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەش ۋە قايتا قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ.

ئۇرۇش خارابىلىرى ئىچىدىن قەد كۆتۈرۈشكە باشلىغان غەربىي گېرمانىيەنىڭ 1950-يىللاردىن باشلاپ زور مىقداردا چەتئەللىك ئەمگەك كۈچى كۆچمەنلىرىگە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.

دەل ئاشۇ يىللاردا، يەنى 1954-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن بىر ئۇيغۇر ياش ئىستانبۇلدىن ئايرىلىپ گېرمانىيەگە كېلىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئېغىر زەربىسىدە خارابىگە ئايلانغان، ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدىلا ئورنىدىن دەس تۇرغان گېرمانىيە ئەمدىلا 20 ياشتىن ھالقىغان بۇ ئۇيغۇر يىگىتكە قۇچاق ئاچىدۇ. بۇ ياش يىگىت 1949-يىلىدىكى چوڭ ھىجرەتتە قەشقەردىن ھىندىستانغا، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە سەپەر قىلغان غۇلامىدىن پاختا ئىدى.

يەككە-يېگانە ھالدا غەربىي گېرمانىيەگە ئاياق باسقان ياش غۇلامىدىن پاختا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ميۇنخېن شەھىرىدىن تۈركىي تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان «ئازادلىق» رادىيوسىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. بۇ مەزگىللەردە ياۋروپادىكى يېڭى بىر دەۋرنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلانغان ميۇنخېن شەھىرى سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئارىدىن 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە چاچ-ساقاللىرى ئاقارغان غۇلامىدىن پاختا ئۆز كەچمىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى مۇھاجىرەت تارىخىنىڭ ئەڭ جانلىق بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

بۇ يىل ھايات مۇساپىسىنىڭ 86-يىلىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ پېشقەدەم بوۋاي نيۇ-يوركتىكى ئۆيىدە تۇرۇپ ئەينى چاغدىكى كەچمىشلىرىنى مۇنداق ئەسلىمە قىلىدۇ: «مەن 1954-يىلى ميۇنخېنغا كەلدىم. ئاشۇ يىللاردا مەندە گېرمان تىلى ئۆگەنسەم دەيدىغان بىر ئارزۇ بار ئىدى. ميۇنخېنغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردە بىر قىسىم تۈرك، تاتار ۋە ئەزەرى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار ئارقىلىق ‹ئازادلىق› رادىيوسىنى ئىزدەپ تاپتىم. ‹ئازادلىق› رادىئوسى شۇ مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن كوممۇنىزمغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان رادىيو ئىستانسىسى بولۇپ، ئاساسلىقى سوۋېتلار ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىدىكەن. مېنى مەزكۇر رادىئونىڭ ئۆزبېك بۆلۈمىدىن ۋەلى قەييۇمخان دېگەن كىشى كۈتۈۋالدى.»

غۇلامىدىن پاختا يەنە ئۆز بايانلىرىدا «ئازادلىق» رادىئوسىدا قانداق ئىش باشلىغانلىقىنى، غەرب دۇنياسىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەر تۇپراقلىرىغا ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان بۇ رادىيو دولقۇنىدا تۇنجى ئۇيغۇر ئاۋازىنى قانداق ئاڭلاتقانلىقىنى ھاياجان ئىلىكىدە ئەسلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن ميۇنخېندا بىرلەپ-ئىككىلەپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئەڭ دەسلەپكى بىرقانچە ئائىلە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى «ئەمگەك كۈچى كۆچمەنلىرى» دولقۇنىدا تۈركىيەدىن كەلگەنلەر ئىكەن.

1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئۈچۈن «تۈرك ھاۋا يوللىرى» دىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، گېرمانىيەگە كەلگەن ئەركىن ئالىپتېكىن مۇنۇلارنى ئەسلىمە قىلىدۇ: «مەن گېرمانىيەگە كەلگەن يىللاردا پۈتۈن ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بارماق بىلەن سانىغۇدەك 5-10 ئائىلە كىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ‹ئەمگەك كۈچى كۆچمەنلىرى› دولقۇنىدا تۈركىيەدىن كەلگەنلەر بولسا، يەنە بىر قىسمى "ئازادلىق" رادىئوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئېچىلغاندىن كېيىن بۇ ئورۇندا ئىشلەش ئۈچۈن تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار ئىدى.»

1975-يىلىغا كەلگەندە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە يېڭى ئەزالار قوشۇلىدۇ. ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئوقۇپ يېتىشكەن ئەنۋەرجان دەل شۇ يىلى ميۇنخېنغا كېلىپ «ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىغا كۈچ قوشىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى غۇلامىدىن پاختانىڭ ئاۋازى بىلەن ياڭرىغان «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ 1970-يىللارغا كەلگەندە بىرقانچە كىشىلىك مەخسۇس خادىملاردىن تەشكىللەنگەن ئاڭلىتىشقا تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن ياكى باۋارىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ياخشى چۈشىنىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەدىكى سانى ئەڭ ئاز توپلۇقلارنىڭ بىرى بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ گېرمانىيەگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

گېرمانىيەدىكى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مارگارېتتا باۋسې خانىم ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە گېرمان جەمئىيىتىگە ماسلىشىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيەدىكى تۈرلۈك مەملىكەتلەردىن كەلگەن كۆچمەن توپلۇقلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن ئاز ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ گېرمانىيەدىكى سىستېمىغا ۋە بۇ يەردىكى ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، گېرمان تىلى ئۆگىنىش، گېرمانىيەنىڭ سىستېمىسىغا ماسلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باج تۆلەش ھەمدە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا خېلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.»

1978-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن گېرمانىيەگە كەلگەن ئەسقەرجانمۇ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ تەدرىجىي زورايغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ گېرمانىيەگە خېلى تونۇشلۇق بىر ئىجتىمائىي توپلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، ميۇنخېن - گېرمانىيەدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قارارگاھى ۋە توپلاشقان نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى 1950-ۋە 1960-يىللاردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.»

(داۋامى بار)